ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى60 تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇلنى تەقدىرلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-29 10:16

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەننىڭ 9-نۆۋەتلىك چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان 60 تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇلنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەقدىرلىدى.

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ 9-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى رايونىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات «سۈرئىتى»نى تېزلەتكەنلىكى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرىنىڭ «مالىيە سىياسىتى+پۇل مۇئامىلە قورالى»نى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغانلىقى، خېنەن ئۆلكىسى لوخې شەھىرىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى «تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تورى»نى تېخىمۇ پۇختىلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ «باج ئىشلىرى خوجىدارى» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى قاتارلىق 60 تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى تەقدىرلىدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى60 تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇلنى تەقدىرلىدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەننىڭ 9-نۆۋەتلىك چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان 60 تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇلنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەقدىرلىدى.