ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-29 10:16

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «شەرەپلىك بۇرچنى، تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش-پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش خاتىرىسى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى «شەرەپلىك بۇرچنى، تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش-پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش خاتىرىسى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى. «خەلق گېزىتى» قاتارلىق مەركەزدىكى ھەرقايسى گېزىتلەرنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانىدا بۇ ماقالە تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 38 سايلام ئورنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ 2296 ۋەكىلىنى سايلاپ چىقتى.

ئۇلار بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دەرىجىمۇ دەرىجە تاللاپ چىققان مۇنەۋۋەرلەر بولۇپ، 96 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىشتا، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، باش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچى دېموكراتىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سالاھىيەت شەرتىنى، ۋۇجۇدقا كېلىش تەرتىپىنى، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سايلاپ چىقىلغان 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق، تارقىلىشىنىڭ كەڭ بولۇشىغا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغانلار ئومۇمەن پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولۇپ، بىر قەدەر يۇقىرى ئىدىيەۋى سىياسىي ساپاغا، ياخشى ئىستىل، پەزىلەتكە ۋە نىسبەتەن كۈچلۈك كېڭىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆز خىزمەت ئورنىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، ئۇلار كومپارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەردۇر؛ ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارقىلىشى نىسبەتەن مۇۋاپىق بولۇپ، تۈرلۈك قۇرۇلما نىسبىتى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سايلاپ چىقىلىشى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. ۋەكىللەرنىڭ سايلىنىش جەريانى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىغا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىغا، غايە-ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە تارىخى تەربىيەسى جەريانىغا، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى جەريانىغا ئايلاندى. قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ھەممە بىر نىيەتتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىش كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇقەددەس بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «شەرەپلىك بۇرچنى، تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش-پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش خاتىرىسى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.