ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

4-تۈركۈمدىكى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-03 09:40

ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملاشما ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىمىزنىڭ 4-تۈركۈمدىكى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدىكەن.

بۇ قېتىم 12 دىن 14 كىچە زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىسى تاللىنىدىكەن، بۇلار يەتتە-سەككىز ئالەم قاتنىشى شوپۇرى، بەش-ئالتە ئالەم قاتنىشى ئىنژېنىرى ۋە يۈك مۇتەخەسسىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن. ئالەم قاتنىشى شوپۇرلىرى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇچقۇچىلىرى ئارىسىدىن تاللىنىدىكەن، ئالەم قاتنىشى ئىنژېنىرلىرى ئالەم-ئاۋىياتسىيە قۇرۇلۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ساھە، كەسىپلەردىكى پەن-تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى ئارىسىدىن تاللىىندىكەن، يۈك مۇتەخەسسىسلىرى بوشلۇق ئىلمى تەتقىقاتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئارىسىدىن تاللىنىدىكەن.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى بۇ قېتىمقى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويىدىكەن، بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا تاماملىنىدىكەن، ھەمدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىن تۇنجى قېتىم يۈك مۇتەخەسسىسلىرى تاللىنىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有