ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» سىياسىتىنىڭ پايدىسى داۋاملىق نامايان بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-22 18:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى پائال ئىزدىنىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈردى. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلىپ، سىياسەتنىڭ پايدىسى داۋاملىق قويۇپ بېرىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە ئەزا باشقا 14 دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى %8.4 ئېشىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ رايون سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئەۋزەللىكى داۋاملىق نامايان قىلىندى. لياۋنىڭدا 1000 ئۆلچەملىك يۈك ساندۇقى لىق قاچىلانغان «خەيلىئەن 3-نومۇر»لۇق توپ يەشىكلىك يۈك پاراخوتى ھىندونېزىيەنىڭ پەنجياڭ پورتىدىن داليەن پورتىغا يېقىنلاشتى، بۇ داليەن پورتىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان سۇ تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، بۇ يىل داليەن پورتىنىڭ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە ئەزا دۆلەتلەرگە ئاچقان 4-يېڭى سۇ تىرانسپورت لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا لياۋنىڭ ئەركىن سودا رايونى داليەن تارماق رايونى يەنە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»(داليەن) خەلقئارا سودا رايونى بەرپا قىلىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»مەخسۇس قوللاش سىياسىتىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»بازىرىغا يۈزلەنگەن كارخانىلارنىڭ باش ئىشتاب بازىسى، ئىقتىساد-سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنى جەلپ قىلدى. جياڭسۇدا «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» بويىچە تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش كارخانىلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا يەنىمۇ ياردەم بېرىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. جياڭسۇ ئۆلكىسى كارخانىلارنىڭ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»دىكى تاموژنا بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سۇپا ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق ياراتتى. نەنجىڭ FTA كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش «بىر كۇنۇپكا بىلەن راۋانلاشتۇرۇش» ئەقىل-پاراسەت سۇپىسىنى يولغا قويدى، كارخانىلار بىر كۇنۇپكا بىلەنلا تاۋارغا ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى باج نىسبىتىنى تەكشۈرەلەيدۇ؛ سۇجۇ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»كارخانا مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلدى؛ ۋۇشى «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» دۆلەت دوست شەھەر ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئېكسپورت مال قىممىتى 41 مىليارد 998 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» يەنە رايون ئىچىدىكى رەقەملىك سودا ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئاچتى. ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە ئەزا دۆلەتلەر بازىرىنى پائال ئورۇنلاشتۇردى.

گۇاڭدۇڭنىڭ فۇشەن شەھىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل گۇاڭشى دوستلۇق تاموژنىسىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى يېڭى يولىنى ئېچىپ، «10 سائەتلىك قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت + 2 سائەتلىك تېز تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «فوشەن ياسىمىچىلىقى» ئېكسپورتىغا يېڭى ئەۋزەللىك ياراتتى. غايەت زور «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» بازىرىغا يۈزلەنگەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا داۋاملىق جانلىنىپ، سودىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، غايەت زور ئىقتىساد - سودا يوشۇرۇن كۈچى نامايان قىلىندى.
تەرجىمان: پاتىگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» سىياسىتىنىڭ پايدىسى داۋاملىق نامايان بولدى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى پائال ئىزدىنىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈردى