ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كىتاب ئوقۇش توپى 20-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش،

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-25 18:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 25-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كىتاب ئوقۇش توپى جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئالماشتۇرۇش يىغىنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مەزمۇنى مول، چوڭقۇر بولۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا تۈپ خاراكتېرلىك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە. قۇرۇلتاي يېپىلغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇسۇل، ۋاسىتىلەرنى بېيىتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق سىياسىينى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلىم يۇرتى ئۆگىنىش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، كىتاب ئوقۇش سۇپىسىدا «جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش»،«جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش»،«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» قاتارلىق كىتاب ئوقۇش توپلىرىنى تەسىس قىلدى، ئەزالار تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش، يېتەكلەپ ئۆگىنىش بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، كىتاب ئوقۇش بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپلىق، كەڭ دائىرىلىك، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى، ئەزالار كىتاب ئوقۇش، ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى توغرىسىدىكى تارىخىي لوگىكا، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىكى يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ليەن يۈمىڭ، مېڭ چىڭفېڭ، فەن دىئەن، خۇ شياۋليەن، ياڭ يىجۇ، جۇ شۇچۈن، جياڭ زېلىن، سۈن داۋېي كىتاب ئوقۇش توپىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلىم يۇرتىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە جىلىن، گۇاڭشى شۆبە يىغىن مەيدانىدا سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە يېڭى مەسئۇلىيەت بىلەن مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ چىباۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل




















中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كىتاب ئوقۇش توپى 20-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كىتاب ئوقۇش توپى جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئالماشتۇرۇش