ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 14:45

قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق ساقلاش ئاكتىپ ئارزۇسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئامىللىرىنى قوشتى.

گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن تارتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىدا فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنگىچە، ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى-ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېلنىڭ زىيارەتكە كېلىشىگىچە، قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق ساقلاش ئاكتىپ ئارزۇسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئامىللىرىنى قوشتى.

ھەمكارلىق ئۆزگەرمەس تېما. مىچېل جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ياۋروپانىڭ جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇلز «جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى» ئېيتتى، ماكرون «جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. بۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ سىگنال بەردى. ھىندىستان «ياۋروپا-ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىدە يېقىندا «ھەممە يول بېيجىڭغا تۇتىشىدۇ! ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەرىكەت قوللىنىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە جۇڭگو بىلەن قايتىدىن ئۇچراشتى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنىپ: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مۇقەررەر دەپ قارايدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.

جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ساقلىشى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى جۇڭگو-ياۋروپا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ كەلدى.

جۇڭگو باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ سودا سوممىسى تۇنجى قېتىم 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 270 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. نۆۋەتتە، ياۋروپا دۆلەتلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولۇش، ئېنېرگىيە كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ياۋروپانى ئىقتىسادىي قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئامېرىكىنىڭ «پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ ياۋروپا سانائىتىگە كەلتۈرگەن كىرىزىسىدىن قانداق قۇتۇلۇش ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئېلان قىلغان 2022-يىللىق كۈزلۈك ئىقتىسادىي مۆلچەر دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋرو رايونى ۋە كۆپ ساندىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل 4-پەسىلدە چېكىنىشى مۇمكىن، كېلەر يىلى 1-پەسىلدە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر داۋاملىق ئازىيىدۇ. گېرمانىيە «فىرانكفورت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇلز بېيجىڭغا قىلغان سەپىرىدىن ئىنتايىن رازى بولغان. شۇلز بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش توغرا دەپ قارىغان بولسا، ھازىر تېخىمۇ توغرا دەپ قارىغان.

جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر. نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، تەرەققىياتقا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇش جىددىي زۆرۈر، قۇرۇلما دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىقلار دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭى ساھەلەردە، فىرانسىيە بىلەن يېشىل ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە، ئىتالىيە بىلەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى ۋە 3-تەرەپ بازىرى قاتارلىق ساھەلەردە...... نۇرغۇن «يېڭى بوشلۇق»لار جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە ئېچىشىنى كۈتمەكتە. بۇ يىل 6-ئايدا ئاۋدى 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىل تۈرىدە چاڭچۈندە رەسمىي ئىش باشلاندى. 9-ئايدا نىڭدې شىدەي بىلەن BMW گۇرۇھى نىڭدې شىدەينىڭ 2025-يىلىدىن باشلاپ BMW گۇرۇھىنىڭ يېڭى قۇرۇلمىلىق، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنى سىلىندىرسىمان باتارېيە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى لىدىيا پېرېيرا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كەسىپتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپ جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، كەڭ يېڭى ئېنېرگىيە بازىرى جۇڭگو-ياۋروپا كارخانىلىرىنى غايەت زور تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى دۇنياغا پايدىلىق. دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشىپ ياخشى قوغدىشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەرزىيدۇ. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمى ئاستىلاپ، ب د ت 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسى توسالغۇغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايرىم دۆلەتلەر ئوچۇقتىن-ئوچۇق بۆلگۈنچىلىك قىلىش، قارشىلىشىشقا «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش»كە قۇتراتقۇلۇق قىلدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانچە داۋالغۇش بولسا، دۇنياۋى خىرىس شۇنچە گەۋدىلىك بولىدۇ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، قىيىن بولغانسېرى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىدە، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «لاگېر قارشىلىشىشىنى توسۇش»، «ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا چىڭ تۇرۇش»، «مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» قاتارلىق تەشەببۇسلارغا ياۋروپا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇردى. جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقى ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردە ھەل قىلىش يولىنى ئورتاق تېپىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى بىرلىكتە قوغداپ، دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق.

جۇڭگو بىلەن ياۋروپا رەقىب ئەمەس بەلكى ھەمراھ. خۇددى گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى سىمىت ئېيتقاندەك، «سىياسىيونلار ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىرىنى جىمجىتلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىرىنى جاسارەت بىلەن ئۆزگەرتىشى، ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىشى كېرەك». ياۋروپانىڭ توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، جۇڭگوغا قارىتا ئوبيېكتىپ، توغرا تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپاغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ پايدىلىق.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن

قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق ساقلاش ئاكتىپ ئارزۇسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئامىللىرىنى قوشتى.