ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 16:17

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا داۋاملىق تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، خەت ئەۋەتىپ ھەمدە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ۋاجىرالوڭكورىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن خەلقئاراغا تونۇلغان جۇڭگو رەھبىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تايلاند خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر قېرىنداش. رەئىس جياڭ زېمىننىڭ 1999-يىلى تايلاندقا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى تايلاند-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد ئالتىنچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن ئەپەندى جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى رەھبەرلىك مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېسىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو مۇنداق دېدى: كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون جياڭ زېمىن جانابلىرى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقاردى، بىز ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.

سېنېگال زۇڭتۇڭى سال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز ھەم ئۇ بەرپا قىلغان شانلىق ئىشلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، دوستانە جۇڭگو خەلقىگە قايغۇلۇق تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز.

جىبۇتى زۇڭتۇڭى گۇئېللېخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئەمەلىيەتچىل پەزىلىتى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرازىلىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى، بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تۇنجى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە ئايلاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە خەلقى جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ ئىسرائىلىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېنگال- جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتى رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە زور دەرىجىدە كۈچەيدى، مەن بېنگال خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن ۋە سەمىمىي ھال سورايمەن.

سولومون تاقىم ئارىلى زۇڭلىسى سوگاۋارې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سولومون تاقىم ئارىلى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، بۇ ئۇلۇغ رەھبەرنىڭ ۋاپاتىغا بىرلىكتە تەزىيە بىلدۈردى.

كۇۋەيت ئەمرى ناۋاف، كۇۋەيتنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مىشال، ئېفىيوپىيە زۇڭتۇڭى ساخلې، كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، قاتار ئەمرى تامىم، ئومان سۇلتانى ھەيسەم، بەھرەين پادىشاھى خاماد، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد، قاتارنىڭ مۇئاۋىن ئەمرى ئابدۇللا ۋە باش ۋەزىر قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى خالىد، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاگى قاتارلىقلارمۇ يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىدىن ئەڭ چوڭقۇر ھال سورىدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا داۋاملىق تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، خەت ئەۋەتىپ ھەمدە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.