ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[ئارزۇنى قوغلىشىش يېڭى مۇساپىسى] يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 16:22

11-ئاينىڭ 29-كۈنى شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، شېنجۇ 14-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچراشتى. تۈركۈم-تۈركۈم ئالەم قاتنىشى خادىملىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭىلىق يارىتىشنى ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى ئامىللىق ئېشىشىغا تايىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، ئاندىن يەنە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزگە تايىنىپ قۇدرەت تېپشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى توختاپ قالمىدى، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. قېتىشىش ھالىتى فىزىكىسى، نانو ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى بىر تۈركۈم مۇھىم تەتقىقاتلار دۇنيا بويىچە بىرىنچى سەپكە كىردى؛ چوڭ ئىلىم-پەن قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، ماتېرىيال، ئېنېرگىيە، ھاياتلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى قاتارلىق يەتتە پەن ساھەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، «جۇڭگو تيەنيەن»، «سۈنئىي قۇياش» قاتارلىق خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زور پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرى پەن تەتقىقات ئۆتكۈر قورالىغا ئايلاندى. ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز قوشۇلدى.

ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ نېپىز «يىرتىلما پولات»نى تەتقىق قىلىپ ياسىغان سەنشى تەيگاڭ پولات تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە تەتقىقاتچىلار يەنە ئالاھىدە داتلاشماس پولاتتىن ئىشلەنگەن يېڭى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ LNG دېڭىز تىرانسپورتى ۋە ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسىي ماتېرىيال ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى 49 مىڭدىن 2021-يىلى 330 مىڭغا كۆپەيدى، پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %52.2تىن %60تىن كۆپرەككە يەتتى. يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆتۈشىگە كۈچ قوشتى.

دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە «ئەجەللىك» جايلارغا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆزى كونترول قىلىش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭى ئېنېرگىيە، ئىلغار يادرو ئېنېرگىيەسى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قاتارلىق تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ G5، رايون-بۆلەك زەنجىرى، كىۋانتلىق خەۋەرلىشىش قاتارلىق گۈللەنمە تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى تېزلىتىلدى؛ يۇقىرى ئىقتىدارلىق جابدۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم، لازېر نۇرى ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، «ئەجەللىك» قىيىن مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىنىپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىدا 45 سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەكتە، ئۇ ھەر ۋاقىتلىق، پۈتۈن كۈنلۈك، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئورۇن بەلگىلەپ يول باشلاش ۋە ۋاقىتتىن خەۋەر بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق گۈللەنمە تېخنىكىلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ رەقەملىشىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تىرەك بولماقتا.

خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى. يېڭىلىق يارىتىلغان دورا، ئىلغار داۋالاش تېخنىكىسى قاتارلىقلار خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلدى.

يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىجادچان دۆلەتلەر قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ساھەسى، يېڭى يولىنى ئېچىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە، 2035-يىلىغىچە ئىجادچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز!

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[ئارزۇنى قوغلىشىش يېڭى مۇساپىسى] يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى

11-ئاينىڭ 29-كۈنى شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، شېنجۇ 14-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچراشتى.