بوشلۇق پونكىتىنىڭ 3-تۈركۈمدىكى ئىلمىي تەجرىبە ئەۋرىشكىسى ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىندى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
12-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە، شېنجۇ 14-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى قايتۇرۇپ كەلگەن ئۈچ بولاق شال ۋە زاغۇننىڭ تەجرىبە ئەۋرىشكىسى، تۆت قاچىلانمىغان ماتېرىيال تەجرىبە ئەۋرىشكىسى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئەمەلىي قوللىنىش مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنىپ، تەجرىبە ئالىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شال ۋە زاغۇن ئۇرۇقى 120 كۈن بوشلۇقتا يېتىشتۈرۈلۈپ ۋە ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇرۇقتىن ئۆسۈپ يېتىلگۈچە بولغان جەريان تاماملاندى، بۇ خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئوربىتىدا شال ئۇرۇقىغا ئېرىشىش ھېسابلىنىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت