مەملىكەت بويىچە سېتىۋېلىنغان كۈزلۈك ئاشلىق 70 مىليون توننىدىن ئاشتى،
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: كۈزلۈك ئاشلىق بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ. 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردىكى ئاشلىق كارخانىلىرى 70 مىليون 350 مىڭ توننا كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5 مىليون 370 مىڭ توننا كۆپ، سېتىۋېلىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت