ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەركەزلىك ياردەم بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 17:12

چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، جايلار بەس-بەستە «باھار شامىلى ھەرىكىتى» قاتارلىق تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەركەزلىك ياردەم بېرىپ، چاغاندىن كېيىنكى كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى لەيشى شەھىرىنىڭ 2023-يىلى چاغانلىق تۇنجى مەيدان چوڭ تىپتىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي باشلاندى. تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدا كەيپىيات قىزغىن بولۇپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، ماتېرىياللارنى تولدۇردى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل ئوقۇش تارىخى تىپىدىكى، تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى، چىڭداۋدىكى بىر شىركەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۈ يەنيەن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن خىزمەتچى بىز بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. بۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار خىزمەت تەجرىبىسىنىڭ بولماسلىقىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، شىركەت ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى كارخانىدا يېتەرلىك ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ.

خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى خۇەيبىن ناھىيەسى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم توقۇمىچىلىق مەركىزىنىڭ تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، كەيپىيات قىزغىن بولدى. خىزمەت ئىزدىگۈچى لى خۇا نەق مەيداندا ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئادەم ئىشلىتىش تەلىپىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەنمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، يۇرتۇمدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىمۇ شۇنداق ياخشى، مەن مۇشۇ يەردىن ئىش تېپىشنى ئويلاۋاتىمەن.

خۇەيبىن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن يۈنفېڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش، ئىش ئورنىغا كېلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيمىز ھەم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنىغا كەلگەنلەرگە ئەمگەك توختامى ئىمزالاش، ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى تىزىملاپ ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز.

ئىككى كۈندىن بۇيان ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى سارىيىنىڭ ئىختىساسلىقلار بازىرى قىزىپ كەتتى. دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ئەنخۇيدىكى بىر ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىنىڭ مەخسۇس خادىم تەكلىپ قىلىش خادىمىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاپتوماتلاشقان مەشغۇلات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە ئىش ھەققى تەمىناتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى ئەڭ چوڭ بولغان ئىش ئورنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش، ئاپتوموبىل، كومپيۇتېر قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇرتىغا قايتقانلار ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنى ئاساسىي ئوبيېكت قىلىپ، ئۆلكە، شەھەرلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش «كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئېيى» مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن، توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەركەزلىك ياردەم بەردى

چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، جايلار بەس-بەستە «باھار شامىلى ھەرىكىتى» قاتارلىق تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەركەزلىك ياردەم بېرىپ، چاغاندىن كېيىنكى كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.