ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 09:40

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ يىل بېشىدا مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى؛ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە پۇختا ئاساس سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىستېمالنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادنىڭ تۈرتكىلىك كۈچنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئىقتىساد داۋاملىق ئەسلىگە كېلىش، ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاش؛ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئەسلىدە داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى يولغا قويۇش؛ «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش؛ سۇپا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ چاغاندىن كېيىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ، ئەتىيازدا تېرىلغان ئاشلىقنىڭ مەھسۇلاتى پۈتۈن يىللىق تېرىلغۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %60 نى ئىگىلەيدۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ %40نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، 2-ئاينىڭ بېشىدا ئالاقىدار تارماقلار ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىشى كېرەك. بىرىنچى، بۇغداي، قىچىنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق، تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىككىنچى، جايلارنىڭ ئاشلىق ۋە ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دادۇر تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرىنى رايون ئاتلاپ تەڭشەش، يۆتكەشنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۇرۇقلۇق، ئوغۇت تەييارلىقىغا مەدەت بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە رايون ئاتلاپ كومبايىن بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرنى ياخشى تېرىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دادۇر تېرىقچىلىقىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇغدايغا «بىر قېتىم پۈركۈش، ئۈچتىن مۇداپىئە كۆرۈش» تولۇقلىمىسى بېرىشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مەھسۇلات ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىقتەك گەۋدىلىك زىددىيەتكە قارىتا، ئىستېمالنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئىستېمالنى كېڭەيتىش سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال كىرېدىتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مول، كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇچرىشىش تىپىدىكى ئىستېمالنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاشقى سودىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش، ئىناۋەتلىك قەرز، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىمپورتنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تاشقى مەبلەغنى پائال جەلپ قىلىش كېرەك. يېڭى نۇسخىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىكنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشىنى قوللاپ، خادىملارنىڭ چېگرا ھالقىغان بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغدىكى چوڭ تۈرلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ يىل بېشىدا مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى؛