ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە: بىر ئاھالىلەر رايونىنى كونترول قىلدۇق، ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھەربىي نىشانىغا زەربە بەردۇق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 14:39

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى دونتسىك تەرەپتە بىر ئاھالىلەر رايونىنى كونترول قىلدى، ھەمدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر قانچە جايدىكى توپچى قىسىمنىڭ ئوت كۈچى نۇقتىسى ۋە بازىسىغا زەربە بەردى، دېدى. ئۇكرائىنا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى نۇرغۇن جايلاردا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق-دورا ئامبىرى، ھەربىي ئىشلار مەركەزلەشكەن رايون قاتارلىق نىشانلىرىغا زەربە بەردى، دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: رۇسىيە ئارمىيەسى دونتسىك يۆنىلىشىدىكى ھۇجۇمدا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، بلاگوداتنويې ئاھالىلەر رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە دونتسىكتا ئىككى توپچى قىسىم ئوق-دورا ئامبىرىنى بىتچىت قىلدى. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى لۇگانسېك بىلەن خېلسوندا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مى-8 تىپلىق تىك ئۇچارىدىن بىرنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن بەشنى ئېتىپ چۈشۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە خېلسوندا ئۆزى يۈرەر زەمبىرەكتىن ئىككىنى ۋە قورال-ياراغ ئوق-دورا ئامبىرىدىن ئىككىنى بىتچىت قىلدى. ئۆتكەن بىر كېچە كۈندۈزدە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 84 جايدىكى توپچى قىسىم ئوت كۈچى نۇقتىسى ۋە بازىسىغا زەربە بەردى.

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇرۇش دوكلاتى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۆتكەن 24 سائەتتە دونتسىك ۋە لوگانسېكتىكى 13 ئاھالىلەر نۇقتىسى ئەتراپىدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەركەزلەشكەن تۆت رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. ئۇكرائىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپچى ئەسكەرلەر قىسىمى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ كونترول نۇقتىسى، ئىككى ئوق-دورا ئامبىرى ۋە ھەربىي ئىشلار مەركەزلەشكەن تۆت رايونىغا زەربە بەردى. ئۇكرائىنا يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە ئۇكرائىناغا پەيدا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھاۋا ھۇجۇمى تەھدىتى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە: بىر ئاھالىلەر رايونىنى كونترول قىلدۇق، ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھەربىي نىشانىغا زەربە بەردۇق

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى دونتسىك تەرەپتە بىر ئاھالىلەر رايونىنى كونترول قىلدى،