ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش] فۇجيەن كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 14:47

يېڭى بىر يىلدا، فۇجيەن ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

چاغاندىن كېيىن ئىش باشلانغان تۇنجى كۈنى، فۇجيەندە بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاندى، كېلىشىم ئىمزالاندى ھەمدە ئۆلكىنىڭ 1580 نۇقتىلىق تۈرى بېكىتىلدى، ئومۇمىي مەبلەغ 4 تىرىليون 90 مىليارد يۈەنگە يەتتى. فۇجۇ شەھىرىنىڭ ماۋېي رايونىدا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى باغچە رايونى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

يېڭى ئېنېرگىيە فۇجيەننىڭ گۈللەنمە ئەۋزەل كەسپى. بۇ يىل فۇجيەن ئۆلكىسى پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ لىتىيلىق باتارېيە ئارقىلىق ئېلېكتىرنى زاپاس ساقلاش ئەمەلىي يۆنىلىشىگە قاراپ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېڭى ئېنېرگىيە+زاپاس ئېنېرگىيە»نى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئېچىش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

فۇجيەن يەنە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزۈپ، زەنجىرنى تولۇقلاش، كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن فۇجۇ، چۇەنجۇ، پۇتيەن قاتارلىق جايلار پۇقراۋى ئىگىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فۇجيەن يەنە كارخانىلارنىڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەخسۇس ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «بىر كەسىپكە بىر سىياسەت»نى يولغا قويدى.

بۇ يىل فۇجيەن ئۆلكىسى لىتىيلىق باتارېيەنىڭ مۇسبەت، مەنپىي قۇتۇپلۇق ماتېرىيالى، ئېلېكتىرولىز ئېرىتمىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم كەسىپ زەنجىرىدىكى يۈرۈشلەشكەن ياساش بازىسىنى قۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلماقچى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有