ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىرودىيە زۇڭتۇڭى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانى جانغا زامىن بولغۇچى قورال بىلەن تەمىنلىشىگە قارشى تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 15:14

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت كىرودىيە زۇڭتۇڭى مىلانوۋىچ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانى ئاساسىي جەڭ تانكىسى قاتارلىق جانغا زامىن بولغۇچى قوراللار بىلەن تەمىنلىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: بۇ قوراللارنى بېرىش پەقەت توقۇنۇشنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

مىلانوۋىچ توقۇنۇشنى ئۇزارتىۋېتىش ياۋروپانى بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ، زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، دېدى. مىلانوۋىچ گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى «يىلپىز» ناملىق ئاساسىي جەڭ تانكىسى بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلغانلىقىغا قارىتا: نۇرغۇن گېرمانىيەلىكلەر بۇ ئۇسۇلنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قارايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىرودىيە زۇڭتۇڭى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانى جانغا زامىن بولغۇچى قورال بىلەن تەمىنلىشىگە قارشى تۇردى

مىلانوۋىچ توقۇنۇشنى ئۇزارتىۋېتىش ياۋروپانى بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ، زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، دېدى.