ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا توشۇلغان يولۇچى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 15:40

شىمالدا جۇڭگونىڭ كۇنمىڭدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا لائوسنىڭ ۋيېنتيانغا تۇتىشىدىغان جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى قاتناش باشلانغاندىن تارتىپ بۇ يىل 1- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە 20 مىڭ قېتىم يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، 10 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى. بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا توشۇلغان يولۇچىلار مىقدارىدا ئۇدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 74 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

چاغاندىن بۇيان، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى بويىدىكى ساياھەتچىلەر، تۇغقان يوقلايدىغانلار، يولۇچىلار كۆپەيدى. 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە پۈتۈن لىنىيەدە 700 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، دۆلەت ئىچىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 56 يولۇچىلار پويىزى، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 70 يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، 65 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى، جەمئىي 8 مىليون 700 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇلغان. لائوس بۆلىكىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 يولۇچىلار پويىزى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 يولۇچىلار پويىزى قاتنىدى، 8800 ئادەم قېتىم يولۇچى، جەمئىي 1 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلدى؛ يولۇچى توشۇش كەسپى بېجىرىدىغان ۋوگزاللار قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 7دىن ھازىرقى 10غا كۆپىيىپ، دىنامىكىلىق پويىز بىلەن ئادەتتىكى پويىز ئورتاق لىنىيەدە قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كېڭىشىپ تەتقىق قىلىپ، پىلان تۈزۈۋاتىدۇ، بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا چېگرا ھالقىغان يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، جۇڭگو -لائوس تۆمۈر يولىنىڭ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش سۈپىتىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىدىن ئۈمىد بار.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا توشۇلغان يولۇچى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

شىمالدا جۇڭگونىڭ كۇنمىڭدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا لائوسنىڭ ۋيېنتيانغا تۇتىشىدىغان جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى قاتناش باشلانغاندىن تارتىپ بۇ يىل 1- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە 20 مىڭ قېتىم يولۇچىلار پويىزى قاتناپ،