ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مويىن ھەق: جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 10:08

پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مويىن ھەق يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى « Bتۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»قا تەڭشىشى پەيت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ چىقىرىلغان ئىلمىي تەدبىر. جۇڭگو 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بىلەن چېگرىدىن كىرىش-چىقىش سىياسىتىنى ياخشىلىشى، تەڭشىشى-دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

ھەق مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولدى.

يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پاكىستان جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ھەق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستاندا يۇقۇم تارقالغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى پاكىستانغا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورىسى، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق ئەشيالارنى دەرھال ياردەم قىلدى، پاكىستانغا جىددىي داۋالاش ئەشيالىرىنى 60 نەچچە قېتىم ئايروپىلان بىلەن بىلەن يەتكۈزدى. ھەق مۇنداق دېدى: پاكىستان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە قىلغان ۋاكسىنا ئەملەش ياردىمىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى دۆلەت. جۇڭگو يەنە پاكىستاننىڭ ۋاكسىنىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشىغا، پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشىگە پائال ياردەم بېرىپ، پاكىستان خەلقىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى.

ھەق جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا پائال ياردەم بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو 153 دۆلەت ۋە 15 خەلقئارا تەشكىلاتنى نەچچە يۈز مىليارد دانە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەشياسى، 120 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 2 مىليارد 200 مىليون تال يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى دۇنيانىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىش ئۈستىدە ئەڭ بۇرۇن ۋەدە بەردى، ئەڭ بالدۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. ھەق: جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، دېدى.

ھەق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگودا كىشىلەر دائىم «پاكىستان قەدىناس دوست» دېگەن سۆز بىلەن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ يېقىنلىقىنى سۈپەتلەيدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە ئىپادىلەشتىن تەسىرلەندىم. پاكىستان بىلەن جۇڭگو ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر پاكىستاننىڭ ئەڭ ياخشى دوستى.

2022-يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. ھەق مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو توردا پارچە سېتىش بازىرى، توردا مال سېتىۋالغۇچىلار سانى، رەقەملەشكەن تېز يەتكۈزۈش كەسپى ۋە كۆچمە چىقىم قىلىش كۆلىمى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بارلىققا كەلدى، پاكىستانمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىقتىساد سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىمۇ يەنىمۇ كۈچەيدى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت «جۇڭگو-پاكىستان ساياھەت ئالماشتۇرۇش يىلى»نى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ تۇتۇشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھەق مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا، بىز خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرىدە يىپەك يولى خەلقئارا سەنئەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە پاكىستان مەدەنىيىتى ۋە مەززىلىك تائاملار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، پاكىستان مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىنى نامايان قىلدۇق. بۇ يىل بىز بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ مۇزېيىدا سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىمىز، جۇڭگو خەلقىنىڭ بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ پاكىستانغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

2023-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى مۇھىم ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش تۈرى بولغان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. ھەق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ، يېڭى گۋادار خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈرلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ پاكىستاننىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىغا مۇھىم كۈچ قوشۇپ، پاكىستان خەلقىگە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى. پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى مۇستەھكەم، پاكىستان جۇڭگو بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە تۇرىدۇ، پاكىستان جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مويىن ھەق: جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى

جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى « Bتۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»قا تەڭشىشى پەيت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ چىقىرىلغان ئىلمىي تەدبىر.