ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىچۈەن يېڭى كەسىپ، يېڭى قۇۋۋەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 16:53

يېڭى يىلدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، سىچۈەن ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.

باش باھار كىرىشى بىلەن، چېڭدۇ شەھىرى لوڭتەن سانائەت باغچىسىدا، ئىككى سىپتا پەن-تېخنىكا كارخانىسى يېڭىدىن ماكانلىشىپ، سانائەت ماشىنا ئادىمىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار يانداش كارخانىلارمۇ جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ. غەربىي رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت ماشىنا ئادىمى باغچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر بۇ يەرگە تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، بازارغا ئالاقىدار كارخانىدىن 2600 دىن كۆپرەكى توپلاندى.

ماشىنا ئادەم كەسپى-سىچۈەننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۇ يىل، سىچۈەن ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق تېزلىتىپ، چېڭدۇ بىلەن زىگۇڭدا دۆلەت دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ توپىدىن ئۈچنى، پەنجىخۇا، ميەنياڭ، دېياڭ قاتارلىق توققۇز شەھەردە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ توپىدىن 23 نى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش، كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك سىياسەت يانداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

سىچۈەن بۇ يىل يەنە چېڭدۇ تۈزلەڭلىك ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى چىڭىتىش، تولۇقلاش، ئۇزارتىشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېمەكلىك، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىچۈەن يېڭى كەسىپ، يېڭى قۇۋۋەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىلدۈردى

يېڭى يىلدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، سىچۈەن ئۆلكىسى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.