ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسپانىيە مۇخبىرى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگوغا قارا سۈركەش قىلمىشىنى ئېچىپ تاشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 16:59

ئىسپانىيەلىك نوپۇزلۇق مۇخبىر خاۋىل گارسىيە «جۇڭگو تەھدىتمۇ ياكى ئۈمىدمۇ» ناملىق كىتابىدا، غەربنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى، شۇنداقلا بەزى ھۆكۈمەتلىرى ۋە سىياسەتۋازلىرى ھەر كۈنى بىزنى قورقۇتۇپ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، غەربكىمۇ شۇنداق، دەيدۇ.

گارسىيە يېقىندا جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بۇ سېپى ئۆزىدىن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل تىنچلىقنى قەدىرلەپ كەلگەن دۆلەت، ئەزەلدىن ھېچكىمنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغان، ئۆزىنىڭ ئويىنىمۇ ھېچ كىمگە تاڭمىغان.

گارسىيە تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يەر شارى زومىگىرى بولىدىغان ۋاقتىنىڭ توشىشىغا ئاز قالدى، لېكىن ئۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن،ئامېرىكا خۇددى سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىققا ئوخشاش قوللىرىنى سوزۇپ، ئىقتىساد، سودا، پەن- تېخنىكا، سىياسىي، سەھىيە، تاراتقۇ، ئاخبارات قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللاپ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەربىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا تەھدىت سالدى.

گارسىيە ئىلگىرى ئىسپان تىلىدىكى دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى-ئېفېدرىن ئاگېنتلىقىدا 20 نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ، پەلەستىن، ۋېنېسۇئېلا، گېرمانىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرغان. ئۇ ئاتالمىش جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ قەد كۆتۈرۈشىنى چەكلىمەكچى بولغان نەيرىڭىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىدى.

ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتا قوزغىغان نۇرغۇن ئۇرۇش سېپىدە، گارسىيە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ جامائەت پىكرى ئۇرۇشىنىڭ يوللىرىنى ئەڭ پىششىق بىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن تاراتقۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك قارالمىلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، باشقا غەرب تاراتقۇلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يەر شارى مىقياسىدا جۇڭگوغا قارىتىلغان جامائەت پىكرى جېڭىنى باشلىدى، ئۇ بۇ جەھەتتە ياخشى بولسا بىردەك مەلۇم قىلماسلىق، ناچار بولسا كۆپتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

گارسىيە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى قارالما تەسىس قىلغاندىن كېيىن، باشقا غەرب تاراتقۇلىرى بۇ بېكىتىلگەن رامكىدىن چىقىپ كېتەلىشى تەس، ھەر كۈنى يۈزلىگەن، مىڭلىغان تاراتقۇلار جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك نەچچە ئون خەۋەرنى تەكرارلايدۇ.

2018-يىلى، گارسىيە ئېفې ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن جۇڭگودا دائىمىي تۇرۇشقا ئەۋەتىلدى.بۇ ئۇنىڭغا جۇڭگونى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، ئۇ بۇنىڭ بىلەن غەرب تاراتقۇلىرى دېگەنگە ئوخشىمايدىغان ھەقىقىي جۇڭگونى كۆردى. ئۇ جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش، ئورتاق بېيىتىش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئىنتايىن ماختىدى.

گارسىيە مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا بارغاندىن كېيىن بارلىق بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، مېڭەمنى سەگەك تۇتۇپ، جۇڭگونى ئوبيېكتىپ كۆزەتتىم. مەن جۇڭگونىڭ غەرب تاراتقۇلىرى تەسۋىرلىگەن جۇڭگو ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ئىنتايىن كۆپ مەنبەلىك ئىكەنلىكىنى، كىشىنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى خۇشاللىق ئىچىدە بايقىدىم.

گارسىيە مۇنداق دېدى: غەرب تاراتقۇلىرى ھەمىشە ئاتالمىش ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەرغىب قىلىدۇ، لېكىن جۇڭگونى خەۋەر قىلغان ھامان، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان يولدا مېڭىپ، بىر قېلىپتا گەپ قىلىپ، «بېكىتىلگەن سېنارىيەدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ».

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسپانىيە مۇخبىرى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگوغا قارا سۈركەش قىلمىشىنى ئېچىپ تاشلىدى

ئىسپانىيەلىك نوپۇزلۇق مۇخبىر خاۋىل گارسىيە «جۇڭگو تەھدىتمۇ ياكى ئۈمىدمۇ» ناملىق كىتابىدا، غەربنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى، شۇنداقلا بەزى ھۆكۈمەتلىرى ۋە سىياسەتۋازلىرى ھەر كۈنى بىزنى قورقۇتۇپ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، غەربكىمۇ شۇنداق، دەيدۇ.