ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 16:59

شىنجاڭ ئۆز كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىل نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق سەككىز چوڭ كەسىپ توپىنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچنى مەركەزلەشتۈردى.

ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى مىقدارى 450 مىليارد توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ قۇمۇلدىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئايلانما ئىقتىساد كەسپى رايونى ئىچىدە، 58 قارا ۋە رەڭلىك مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر ئاساسى يېڭى ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلەر جىددىي ئىشلەنمەكتە. يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، باغچا رايونى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 1-ئايدا كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدىكى يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بازىسىدا، تۇرپاننىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4-لىنىيەسى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئۈرۈمچى دۆلەتلىك ئەلا سۈپەتلىك پاختا، پاختا يىپ بازىسىدا، كۆپچىلىك ئالدىراش ئىشلىمەكتە. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كانچىلىق، ئاشلىق، ياغ، پاختا، مېۋە، كۆكتات، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق سەككىز چوڭ كەسىپ توپىنى زورايتىش.

بۇ يىل شىنجاڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىش، تۈرلەرنى تۇتۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار يېڭى تەدبىر، يېڭى نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ،سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە

شىنجاڭ ئۆز كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىل نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق سەككىز چوڭ كەسىپ توپىنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچنى مەركەزلەشتۈردى.