ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۈركىيەدە 7.8 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئۆلۈم-يېتىم توغرىسىدا دوكلات يوق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 17:03

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچىشىچە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 9 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا 7.8 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا شۇ كۈنى سەھەردە قاتتىق يەر تەۋرىدى دېيىلدى. بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 12 دىن 49 مىنۇت ئۆتكىچە: تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتتىق يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتتە 76 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، نۇرغۇن ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. لېكىن، مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكەنگە قەدەر، تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلمىغان.
شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگونىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى دېدى.

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، قۇتقۇزۇش قوشۇنى يەر تەۋرىگەن رايونغا ئەۋەتىلدى دېدى. تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سويلۇ نۆۋەتتە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى دېدى.

تۈركىيەدىن باشقا، ئەتراپتىكى لىۋان، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. لىۋاندا چىقىدىغان «شەرق بۈگۈنكى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋاننىڭ لىۋان-تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن رايونىدا شۇ كۈنى تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولغان، نۇرغۇن ئاھالە كوچىلارغا چىقىپ خەتەردىن ساقلانغان. سۇرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە ھازىر سۇرىيەنىڭ ھەلەب، خاما، لاتاقىيە قاتارلىق جايلىرىدا ئاز دېگەندىمۇ 42 ئادەم قازا قىلغان، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۈركىيەدە 7.8 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئۆلۈم-يېتىم توغرىسىدا دوكلات يوق

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچىشىچە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 9 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا 7.8 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر كېلىدىكەن.