ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا «سۆزلىشىشنى قورالنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بەرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:42

ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوفىتسېر، ئىلىم ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، مەدەنىيەت خىزمەتچىسى، تىنچلىق پائالىيەتچىسى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 100گە يېقىن كىشى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «سۆزلىشىشنى قورالنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانى داۋاملىق قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

ئىلگىرى شەرقىي گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بولغان گېرمانىيەنىڭ سابىق جۇڭجياڭى مانفرېد گراز بىلەن سابىق شاۋجياڭى زېبارد دوم يېقىندا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانى «يىلپىز 2» ناملىق ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى، زېبارد دوم شۇ كۈنى باش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: چۈنكى ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەربىي ياردەم، بولۇپمۇ ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۇرۇش سېپىنى ئۇزارتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇرۇش ئوتى ھامان بىر كۈنى گېرمانىيەگە تۇتىشىدۇ. مېنىڭ ئۇرۇش قىلغۇم يوق، دېدى.

 مۇخبىر لېنا رۇپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلەشتە پەقەت بىرلا مەقسەت بار، ئۇ بولسىمۇ توقۇنۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش. بۇ توقۇنۇش ئۇكرائىنا بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مەقسەت رۇسىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش. گېرمانىيەنىڭ تارىخشۇناسى ئانتون لاسو مۇنداق دەپ قارىدى: «شىمالىي ئېرىق» تۇرۇبىسىنىڭ پارتلىتىۋېتىلىشى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلغان زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى. مەيلى رۇسىيە ـ ئۇكرائىنا توقۇنۇشى نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى گېرمانىيە خەلق ئاممىسى نۇقتىسىدىن بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن باراۋەر.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا «سۆزلىشىشنى قورالنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بەرگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈلدى

ئىلگىرى شەرقىي گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بولغان گېرمانىيەنىڭ سابىق جۇڭجياڭى مانفرېد گراز بىلەن سابىق شاۋجياڭى زېبارد دوم يېقىندا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ،