ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىدا «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش» مەركەز قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 09:47

نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023ـ يىللىق يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگونىڭ دۇنيانى تەمىنلىگەن ھەل قىلىش لايىھەسى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ زېلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش ئۈلگىسىنى تىكلەپ، كېيىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قاتارلىق زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك «ئاچقۇچلۇق سۆزلەر»گە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ يۈز يىللىق ئىزدىنىش ۋە جاپالىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مۇھىم ئىلھام بەردى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، فىلىپپىننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئاررويۆ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى، تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش جەريانىدا، بىز جۇڭگونىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچ ئىكەنلىكىنى، پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىق مۇناسىۋىتىنى بېكىتەلەيدىغانلىقىنى كۆردۇق. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىزگە نىسبەتەن تەھدىت ئەمەس، بەلكى سۆزلىشىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوغا، شۇنداقلا دۇنياغا مەنسۇپ.

كامبرىج داشۆسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارتېن ياكې مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بولمىسا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يېتەلمەيدۇ. تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ھاياتىي كۈچكە تولدى، دادىل ئىسلاھ قىلىندى، سىجىل ئاشتى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر قاتماللىققا پېتىپ قالماي، ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىدا «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش» مەركەز قىلىندى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگونىڭ دۇنيانى تەمىنلىگەن ھەل قىلىش لايىھەسى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.