ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دانىيە ئېنېرگىيە مەھكىمىسى: «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى نامەلۇم نەرسىلەر سۈزۈۋېلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 15:04

دانىيە ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى «شىمالىي ئېرىق» 2-تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى نامەلۇم نەرسىلەرنى سۈزۈش خىزمىتى تاماملاندى، دېدى. دانىيە ئېنېرگىيە مەھكىمىسى بۇ نەرسىلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشتىن، ئۇنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى ئىس-تۇمان لەيلىمە بەلگىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە دانىيەگە «شىمالىي ئېرىق» 2-تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئەتراپىدا باشقا پارتلاتقۇچ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىپ، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت پاي شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، پارتلاش نەق مەيدانىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا بىر نامەلۇم نەرسىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ بەلكىم سىگنال قوبۇل قىلىدىغان ئانتېننا بولۇپ، تۇرۇبا سىستېمىسىنىڭ ئاستىغا قويۇش ئېھتىمالى بولغان پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گروسسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: زاپاروژى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ئۇرۇش كۈچەيمەكتە، بۇ ھېچكىم ئامان قالمايدىغان زور يادرو ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گروسسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شۇ كۈنى زاپاروژى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى- يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەھۋالىنى باھالاش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق خادىملارنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى تاماملانغان.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دانىيە ئېنېرگىيە مەھكىمىسى: «شىمالىي ئېرىق» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى نامەلۇم نەرسىلەر سۈزۈۋېلىندى

دانىيە ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى «شىمالىي ئېرىق» 2-تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى نامەلۇم نەرسىلەرنى سۈزۈش خىزمىتى تاماملاندى، دېدى.