ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى تېز ئەسلىگە كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 15:11

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىكى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىق روشەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجى تېز ئەسلىگە كېلىپ، كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجىدا پائال ئۆزگىرىش بولغان.

1-،2-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 53 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 ئاشقان. ھازىر ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرىشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئېشىپ، ئەشيا ئوبوروتىغا بولغان ئېھتىياج كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيدى. ئېھتىياج قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 1-، 2-ئايدا، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشقان، پولات-تۆمۈر ۋە رەڭلىك مېتال قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجى ياخشىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ ئەشيا ئوبوروت مىقدارى تۆۋەنلەشتىن توختاپ ئۆرلىگەن. 1-، 2-ئايدا، ئىمپورت ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئاشقان. خەلق تۇرمۇشى ئەشيا ئوبوروتى ساھەسى داۋاملىق ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولغان.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى تېز ئەسلىگە كەلدى

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىكى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى.