ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-31 11:16

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 31-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى بان كېمون قاتارلىق كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىدا «ئېنىقسىز دۇنيا: ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» باش تېما قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. بىز ماكرولۇق سىياسەتنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېشىشنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولىمىز. مۇنبەرنىڭ قۇرۇلغان چاغدىكى ئەسلى مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش «بوئاۋ لايىھەسى» ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كېڭەش ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى دۇنياغا غايەت زور ئېنىقلىق قوشتى. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئېنىقسىزلىقنى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل


中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى بان كېمون قاتارلىق كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.