مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش» مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 5-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش» تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ج ك پ 20- قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ مىزانى قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنى نامايان قىلىش كېرەك. تاشقى ئالماشتۇرۇش ماركىسى ۋە خىزمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ چاقىرىق كۈچى ۋە تارقىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياغا ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 100دىن ئارتۇق ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، 20 ئەزا ۋە مۇتەخەسسىس سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتى بارغانسېرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى توغرا جۇڭگو كومپارتىيەسى قارىشى، جۇڭگو قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تاۋلاپ ۋە نامايان قىلىپ، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە تارقىتىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېسىل تۇرمۇشىنى نامايان قىلىش كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىزغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك تارقىتىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى تەيفېڭ چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، ئەزالار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل