ئېلىمىز قەدىمدە چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن چوڭ كېمىنى تۇنجى قېتىم بايقىدى
دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئېلىمىز چوڭقۇر دېڭىزنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەدىمدە چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن چوڭ كېمىنى تۇنجى قېتىم بايقىدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ چوڭقۇر دېڭىزنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
نەنخەي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالى قۇرۇقلۇق ئېتىكىدىكى ئىككى جايدا قەدىمدە چۆكۈپ كەتكەن كېمە تەخمىنەن 1500 مېتىر چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا بايقالدى، پاراخوت نىسبەتەن ياخشى ساقلانغان، كېمىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى كۆپ ئىكەن، ئۇلار مىڭ سۇلالىسىنىڭ خۇڭجى-جېڭدې يىللىرىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى تارىخىي، ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 -نومۇرلۇق چۆكۈپ كەتكەن كېمىدە كېمە بۆلمىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن بەش دۆۋە بايقالغان، بۇ يادىكارلىقلار 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن جايغا چېچىلىپ كەتكەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى ناملىق ئادەملىك چۆككۈنى ئىشلىتىپ، 1-نومۇرلۇق چۆكۈپ كەتكەن كېمە خارابىسىنىڭ مەركىزى دۆۋىلەنمە رايونىنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىگە سۇ ئاستىنى مەڭگۈلۈك ئۆلچەش سىزىش ئاساسىي نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ۋە سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرىلەپ، نەنخەي دېڭىزنىڭ غەربىي شىمالى قۇرۇقلۇق ئېتىكىدىكى قەدىمدە چۆكۈپ كەتكە 1-، 2-نومۇرلۇق كېمە خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت