مەركەز 9-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى: قاتتىق نازارەت قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز تۇنجى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىغا 58 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەركەز 9-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى خېنەن، شەندۇڭ ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، ئىككى ئۆلكىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ «ئىدىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.
باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز 9-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى خېنەن، شەندۇڭ ئۆلكىلىرىدە سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش، تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە تارماق، ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكلەپ، يېتەكلەش ئارقىلىق ھەيدەكچىلىككە تۈرتكە بولدى.
ھازىرغا قەدەر، 9-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى خېنەن، شەندۇڭ ئۆلكىلىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمەت لايىھەسىگە قاراپ چىقتى ھەمدە پىكىر-تەكلىپ بەردى. ئىككى ئۆلكىنىڭ باش تېما تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى، كىتاب ئوقۇش سىنىپى ۋە مەخسۇس پارتىيە دەرسىگە قاتناشتى ھەمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا قاراتمىلىق يېتەكچى پىكىر بەردى.
تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن