2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش پەن-تېخنىكا پائالىيىتى باشلاندى
2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش پەن-تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە باشلاندى، زىياننى ئىلمىي ئازايتىش بۇ يىللىق پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ ئاساسىي تېمىلىرىنىڭ بىرى بولدى. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە دېھقانلارنىڭ زاپاس ئاشلىقىنىڭ زىيانغا ئۇچراش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئاشلىق ساقلاش ھالقىسىدا تېجەپ، زىياننى ئازايتىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا