ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىڭ شۆشياڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 16:55

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى شاڭخەيدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تەرەققىيات بانكىسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ئابىدە. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىنى قوللاپ، يېڭى ئەزالارنى مۇقىم قوبۇل قىلىش كېرەك. جۇڭگو قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت ۋە ساھىبخانا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇقىم تىجارەت قىلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كەسپى داۋاملىق كېڭىيىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزا كۆپەيتىش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى مۇقىم ئېشىپ، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھىم گۈللەنمە كۈچىگە ئايلاندى.

دىڭ شۆشياڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تەك كېسەك ئالتۇن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. بىرىنچى، دۇنيا تەرەققىيات ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، ب د ت نىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش. ئىككىنچى، دۇنيا تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەسلەكداش ھەمراھلارنى داۋاملىق تەكلىپ قىلىش. ئۈچىنچى، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. تۆتىنچى، تەرەققىيات، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى تېز كېڭەيتىپ، باشقا كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىلىرى، سودا بانكىلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. بەشىنچى، خەلقئارا ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىش.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، دىڭ شۆشياڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى روسسېف بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دۇنيا تەرەققىيات ھەمكارلىق ۋەزىيىتى ھەمدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رولى، جۇڭگو بىلەن يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئارقىدىن، دىڭ شۆشياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىڭ شۆشياڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى شاڭخەيدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.