ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇرۇش پاراخوتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇكرائىنا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ لوگەنسېك قاتارلىق جايلاردىكى ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 09:05

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى يېقىندا ئودېسا پورتى ھەربىي پاراخوتىنىڭ لەڭگىرىگە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار بىلەن زەربە بېرىپ، ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش پاراخوتى «يۇرى ئولېفىرېنكو» ناملىق پاراخوتىنى ۋەيران قىلدى، دېدى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى باش ئىشىتابى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇرۇش ئۇچۇرى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى ئاساسلىق ئەسكەر كۈچىنى لوگەنسېك ۋە دونتسىك رايونىغا داۋاملىق مەركەزلەشتۈرىۋاتىدۇ. ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 22 قېتىم ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئادەم كۈچى ۋە قورال-ياراغ مەركەزلەشكەن رايونلىرىغا 11 قېتىم زەربە بەردى.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇرۇش پاراخوتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇكرائىنا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ لوگەنسېك قاتارلىق جايلاردىكى ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى يېقىندا ئودېسا پورتى ھەربىي پاراخوتىنىڭ لەڭگىرىگە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار بىلەن زەربە بېرىپ،