ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 12 مىليون 910 مىڭغا يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 15:23

2023-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 12 مىليون 910 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 980 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشىگە ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە، جايلارنىڭ ئىمتىھانغا تەشكىللەش ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، «تىنچ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» نىشان ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان مەزگىلىدە شاۋقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى چىجۇ شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئەترەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، شەھەر رايونىنىڭ مەركىزىي رايونى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى ۋە نۇقتىلىق تەرتىپكە سالدى.

خۇبېينىڭ ۋۇخەندە، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە شاۋقۇن-سۈرەن چىقىرىپ خەلققە دەخلى قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جياڭسۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوزۇقلۇق يۈرۈشلۈك تامىقى»نى مەخسۇس زاكاز قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە يۈز بېرىدىغان ناچار ھاۋارايى ۋە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يېقىندىن تەھلىل قىلىپ، جايلارنىڭ لايىھەنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرگە ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش، سەپەرگە چىقىش، ياتاق-تاماق تازىلىقى، شاۋقۇننى تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال كاپالەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 12 مىليون 910 مىڭغا يەتتى

2023-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 12 مىليون 910 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 980 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى