ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 15:33

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن يىلتىزىنى ياخشى قوغداش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋرنىڭ تارىخىي يۆنىلىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى، كەڭ تارىخىي نەزەر دائىرە، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىش ئارقىلىق، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى دولقۇنىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر قاتار يېڭى دەۋر دۆلەت مەدەنىيەت سارايلىرى ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ، چوڭ دۆلەتنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان يېڭى بەلگىگە ئايلاندى. جەنۇبتا چىنلىڭ تېغىغا، شىمالدا ۋېيخې دەرياسىغا قارايدىغان جۇڭگو دۆلەت نەشرى سارىيىنىڭ شىئەن شۆبە سارىيى «ۋېنجى راۋىقى» كۆرگەزمە بۆلىكىدە چۈشەندۈرگۈچىلەر سارايدا ساقلىنىۋاتقان ئەتىۋارلىق بۇيۇملارنى تونۇشتۇرماقتا، بۇ يەردە مۇھىم قىزىل مەدەنىيەت ھۆججەتلىرى، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە نۇسخىسى گەۋدىلىك ساقلانغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ، قىزىل گېن داۋاملاشتۇرۇلغان. شىئەن دۆلەت نەشرى سارىيى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ساراي باشلىقى بەي گۇاڭلياڭ مۇنداق دېدى: بىز «كىتابخۇمار ۋېنجى راۋىقى» كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى ماركىسىنى يارىتىپ، «ۋېنجى لېكسىيەسى» ئۆتكۈزۈپ، نەشر نۇسخىسى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر نەشر مەدەنىيىتىنى تارقىتىمىز.

جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى. چىغناق-تاغاق يېزىقى جۇڭگودىكى ئەڭ بالدۇر، ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن يېزىق بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك چىغىناق-تاغاق يېزىقى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىخانىسىدا، چىغناق-تاغاق يېزىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق چىغناق-تاغاق يېزىقىنىڭ يېشىلىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىنىپ جانلىق ساقلىنىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما چىغناق-تاغاق يېزىقى مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، خەنزۇچە خەتنىڭ مەنبەسى ۋە جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. تەجرىبىخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياۋ چىڭجۈ مۇنداق دېدى: تەجرىبىخانا تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئۆگىنىش تەتقىقاتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەنگە باراۋەر، بىزنىڭ بۇ تارىخنى يېقىنلاشتۇرۇشىمىز مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا-ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئىجادىي ئۆزلەشتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. چېڭدې يازلىق ئارامگاھى جۇڭگودا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ چوڭ قەدىمىي خان جەمەتى باغچىسى بولۇپ، مالىمانچىلىق تارىخىي دەۋرىدە، 30 دىن ئارتۇق باغچە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ھازىر 17 باغچە خارابىسى رەقەملەشتۈرۈلۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بۇرۇنقى قىياپىتى قايتا نامايەن قىلىندى.

نەنچاڭدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەيخۇنخۇ بەگلىكى خارابىسى مۇزېيىدا، چۈشەندۈرگۈچى ساياھەتچىلەرگە نەپىس غەربىي خەن سۇلالىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرماقتا، ساياھەتچىلەر خەن سۇلالىسى كىيىمىنى كىيىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق VR كۆزئەينىكى ئارقىلىق خەن سۇلالىسى مەدەنىيەت سەپىرىنى ھېس قىلالايدۇ. جياڭشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، نەنچاڭ غەربىي خەن سۇلالىسى خەيخۇنخۇ قەبرىستانلىقى ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: چاڭ-توزان بېسىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت نۇرىنى چاقنىتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يىلتىزىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرىدىن خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، مىللىي ئىشەنچىمىز ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

«بۇلۇت ئوقۇشلۇقى»، «بۇلۇت ئۈن-سىنى»، «بۇلۇت ئويۇنى»...... «رەقەم+ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت» تاماشىبىنلارغا يېڭى تەسىرات، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداشتا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «جانلاندۇردى». شياڭتاڭشەن تاش ئۆڭكۈرى گوۋۇيۈەن تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلغان دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى. خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى فېڭفېڭ كان رايونىدىكى شياڭتاڭشەن تاش ئۆڭكۈر تەتقىقات يۇرتى رەقەملىك پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن شياڭتاڭشەن تاش ئۆڭكۈر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 3d لىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىڭ يىللىق مەدەنىيەت گۆھىرىنى قايتا تىرىلدۈردى. فېڭفېڭ كان رايونى شياڭتاڭشەن تاش ئۆڭكۈر تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىلمىي باشلىقى جاۋ لىچۈن مۇنداق دېدى: جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ مول مەزمۇنىنى قېزىپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاش ئۆڭكۈرلەرنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «جانلاندۇرۇش» كېرەك.

«جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دىن «14-بەش يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى»غىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر قاتار يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئومۇملۇق بىرتۇتاش ئىگىلەندى. سەددىچىن سېپىلى، بۈيۈك قانال، خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى قاتارلىق دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بەرپا قىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنى بېيىتىلدى؛ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىن تارتىپ، مۇزېيدا مەدەنىيەت يېڭىلىق يارىتىش چاستوتىسىدا ئاختۇرۇش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇشقىچە، دۆلەت گۆھىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۈزلۈكسىز كىردى...... پارتىيە 18قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى تېخىمۇ جانلاندۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرى يارىتىلدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولايلى

جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى دولقۇنىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى.