ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايمىز، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 15:38

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دەرۋازىسى ئۇكرائىناغا داۋاملىق ئۇچۇق. بىراق گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۇ كۈنى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرسە بولمايدۇ، دېدى. بۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۇكرائىنانىڭ تېز سۈرئەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشى رۇسىيەنىڭ «قىزىل سىزىقى» ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايمىز، دېدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دەرۋازىسى ئۇكرائىناغا داۋاملىق ئۇچۇق.