1-ئايدىن 4-ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشتى
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان، مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشقان، بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاشقان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۇ جۆتىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 81 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەت مۇلازىمىتى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كەلدى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە ساياھەت مۇلازىمىتى ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 444 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.4 ئاشتى. يېقىندا، سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى ۋە سودا ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتى. شۇ جۆتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە مۇمكىن بولغان ھەمكارلىق ساھەسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى