ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-03 10:28

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق تەدبىرلەر توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەسلى مائارىپى قانۇنى لايىھەسى»نى مۇزاكىرە قىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدە ياخشى باشلىنىش بولدى، لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تېخى پۇختا ئەمەس، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى كارخانىلار ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۈنۈمى يۇقىرى سىياسەت -تەدبىرلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىش ھەمدە سودا مۇھىتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى بولۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەسلى مائارىپى قانۇنى لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىندى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق تەدبىرلەر توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى،