ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى ئارگېنتىنا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-03 10:36

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى خەلق سارىيىدا، ئارگېنتىنا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مورېئائۇ بىلەن كۆرۈشتى.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئارگېنتىنا جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ فېرنەندىس كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ ھەم ئۆزئارا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنى سىجىل، چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيلىكنى ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملاردىكى دوستانە ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئارگېنتىنا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جاۋ لېجى ئارگېنتىناغا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مورېئائۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. ئارگېنتىنا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتىشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى ئارگېنتىنا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى خەلق سارىيىدا، ئارگېنتىنا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مورېئائۇ بىلەن كۆرۈشتى.