ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھىندىستاندا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ سوقۇلۇش ۋەقەسىدە 288 ئادەم قازا قىلدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، تازىلاش ۋە ئوڭشاش باسقۇچىغا كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:12

ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى ئورىسسا ئىشتاتىدا 6-ئاينىڭ 2-كۈنى پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، ھىندىستان شەرقىي جەنۇبىي تۆمۈر يول شىركىتى خەۋەر ئېلان قىلىپ: 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە، ۋەقەدە 288 ئادەم قازا قىلدى،803 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 56 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر، دېدى.

پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئورىسسا ئىشتاتىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئاپەتكە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. ئىستانسىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئېرىشكەن خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، ھىندىستاندا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ سوقۇلۇش ۋەقەسىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقان، تازىلاش ۋە ئوڭشاش باسقۇچىغا كىرگەن. رېمونتچىلار رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ۋاگونلارنى يۆتكەپ، رېلىسنى رېمونت قىلىپ، قاتناشنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ۋەقەدىكى جاۋابكارلار قاتتىق جازالىنىدۇ، دېدى. بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ ۋەقەنى سىگنال كاشىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ھىندىستان تۆمۈر يول شىركىتى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ تۆمۈر يول تورىمىز ھەر كۈنى 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى توشۇيدۇ. لېكىن ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۆمۈر يول ئەسلىھەلىرى كونا ھەم ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋە سوقۇلۇش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستاندا يۈز بەرگەن ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغان پويىز ۋەقەسىدە، بىر پويىز 2016-يىلى 11-ئايدا شىمال ئىشتاتىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 150 ئادەم قازا قىلغان، 150 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئورىسسا ئىشتاتىدا پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھىندىستاندا مەملىكەت بويىچە جەمئىي 48 پويىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، 39 پويىز لىنىيەسىنى ئۆزگەرتكەن، 10 پويىز ۋاقتىنچە قاتناشتىن توختىغان.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھىندىستاندا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ سوقۇلۇش ۋەقەسىدە 288 ئادەم قازا قىلدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، تازىلاش ۋە ئوڭشاش باسقۇچىغا كىردى

پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئورىسسا ئىشتاتىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئاپەتكە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.