ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىڭ شۆشياڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:12

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىگە بېرىپ 2023-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ۋە ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ قاتناش داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىپ، ئىمتىھان ئىشلىرىنى تەشكىللەشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى قاتارلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنى، ئىمتىھان مەيدانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا B»تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش «يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 12 مىليون 910 مىڭغا يېتىپ، يەنە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى، بۇ نۆۋەتلىك ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچ يىللىق يۇقۇمنى باشتىن كەچۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىمتىھان ئىشلىرىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان جەريانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇۋاپىق قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى، ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بېرىپ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

ئارقىدىن دىڭ شۆشياڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىگە بېرىپ، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھان ئىشلىرى قوماندانلىق سۇپىسى سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى، بۇ سىستېما ئارقىلىق ئالاقىدار ئۆلكىلەردىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە ئىمتىھان مەيدانىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مائارىپ ئادىللىقى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم، چوقۇم ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىمتىھان قەغىزىنى بېسىش، توشۇش، ساقلاش قاتارلىق ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھاندا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەم، ماددىي بۇيۇم، تېخنىكا جەھەتلەردىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق، تېز بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىخەتەر بېرىپ-كېلىش، ياتاق، تاماق تازىلىقى، شاۋقۇننى تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىل، تەرتىپىنىڭ ئاشكارا، نەتىجىسىنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ يەنە شەندۇڭ ئۆلكىسى چۈفۇ شەھىرى، يۈننەن ئۆلكىسى باۋشەن شەھىرى لۇڭياڭ رايونى بىلەن ۋىدېيولۇق ئالاقىلىشىپ، يەرلىكنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش خىزمىتى خەلق ئاممىسىغا قىلىنىدىغان مۇھىم ئاممىۋى مۇلازىمەت، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش-ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار باش مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، «تىنچ-ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىڭ شۆشياڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىگە بېرىپ