ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش يېڭى شەرتنامىسى»گە قايتىشنىڭ شەرتى ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:15

رۇسىيە بېلگورود ئوبلاستىنىڭ باشلىقى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ بۇ ئوبلاستىنىڭ شېبېكىنسكىي رايونىغا توپ ھۇجۇمى قىلىشقا باشلىدى، دېدى. ھازىر ئىككى كىشى قازا قىلدى، ئىككى كىشى يارىلاندى. ئۇكرائىنا ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ بۇ جەريانغا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۇكرائىنا تېخىمۇ كۆپ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن ئالدىنقى سەپتىكى شەھەر ۋە قىسىملارنى قوغداشقا موھتاج، دېگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنانى ئاتالمىش «قايتۇرما ھۇجۇم» قوزغاشقا كۈشكۈرتكەنلىكى ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتكە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بېرىدىدۇ. غەرب ئەللىرى توقۇنۇشنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇكرائىنالىق قېلىپ قالغان»غا قەدەر داۋاملاشتۇرماقچى.

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش يېڭى شەرتنامىسى»گە قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىدىن قىلچە تەۋرەنمەيدۇ، بۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش تەدبىرلىرىگە باغلىق ئەمەس. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيەنىڭ بۇ شەرتنامىگە قايتىپ كېلىش شەرتى شۇكى، ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن دۈشمەنلىشىش تۈپ مەيدانىدىن ۋاز كېچىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ مۇنداق دېدى: 1988-يىلى ئىمزالانغان ئالاقىدار شەرتنامىگە ئاساسەن، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ۋە يوشۇرۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يەنىلا ئۆزئارا ئۇقتۇرۇشى كېرەك، بۇ-خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有