ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولۇشى رايون ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:23

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» 6-ئاينىڭ 2-كۈنى فىلىپپىندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان 15 دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولدى. كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولۇشى رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، رايون ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

گۇاڭشى نەننىڭ پەيجى قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا خىزمەتچىلەر جىددىي ئىشلەۋاتاتتى. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، بۇ شىركەت 112 توننا، مال قىممىتى 980 مىڭ يۈەن بولغان بىر تۈركۈم ئىستاكان پەردىلىك قەغەزنى فىلىپپىنغا ئەۋەتتى، نەننىڭ تاموژنىسىغا قاراشلىق يۇڭجۇ تاموژنىسى بۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارغا گۇاڭشىدىكى تۇنجى «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» تۈرى بويىچە فىلىپپىنغا توشۇلىدىغان ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى، مال فىلىپپىندا تاموژنىدىن ئۆتكەندە، تاموژنا بېجى ئەسلىدىكى 15% تىن تاموژنا بېجى ئالماسلىققا چۈشۈرۈلىدۇ.

نەننىڭ پەيجى قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنىڭ دىرېكتورى چېن جۇڭشۇنىڭ كەلگۈسىگە ئىنتايىن ئىشەنچىسى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھەر ئايدا ئۈچ تۈركۈم مالنى فىلىپپىنغا ئېكسپورت قىلىمىز، مۆلچەرىمىزچە تاموژنا بېجى ئېتىبارىدىن 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك بەھرىمەن بولالايمىز، بۇ كەسىپ مىقدارىمىزنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» فىلىپپىندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، مال سودىسى ساھەسىدە، فىلىپپىن جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى ئاساسىدا، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسلىرى، قىسمەن سولياۋ بۇيۇملار، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كىرالغۇ قاتارلىقلاردىن تاموژنا بېجى ئالمايدۇ، تاموژنا بېجى تەدرىجىي ئېلىنمايدۇ. مۇلازىمەت ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە، فىلىپپىن 100 دىن ئارتۇق مۇلازىمەت تارماقلىرىغا بازارنى ئېچىۋېتىشكە ۋەدە بەردى، دېڭىز تىرانسپورتى، ھاۋا تىرانسپورتى مۇلازىمىتىنى كۆرۈنەرلىك ئېچىۋەتتى، سودا، تېلېگراف، پارچە سېتىش، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى ۋە ياسىمىچىلىق ساھەسىدىمۇ چەتئەل سودىگەرلىرىگە تېخىمۇ ئېنىق ئىجازەتلىك كىرىش ۋەدىسى بەردى.

فىلىپپىننىڭ گۇاڭشىدىكى باش سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ فۇجيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىننىڭ نوپۇسى كۆپ، بازىرى چوڭ، گۇاڭشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، پورت تىرانسپورتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە فىلىپپىن بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ يولغا قويۇلۇشى فىلىپپىن بىلەن گۇاڭشىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، فىلىپپىن-جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى پارلاق.
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەت بىلەن ئاۋسترالىيە، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە، يېڭى زېللاندىيە بىرلىكتە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى ھەم كېلىشىمنىڭ 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. كېلىشىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولۇشى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىساد سودا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولۇشى جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كۈچلۈك ياردەم بېرىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە سودا مۇھىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى 1-پەسىلدە، جۇڭگو كارخانىلىرى «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»تۈرىدە بەھرىمەن بولىدىغان ئېكسپورت مال قىممىتى 62 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت تاموژنا بېجىنى 930 مىليون يۈەن كېمەيتىشتىن بەھرىمەن بولغان؛ بەھرىمەن بولىدىغان ئىمپورت مال قىممىتى 18 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە، كېمەيتىلگەن باج پۇلى 480 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولۇشى رايون ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» 6-ئاينىڭ 2-كۈنى فىلىپپىندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى