ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن «فۇجيەننىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-14 09:01

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «فۇجيەننىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.
«پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈش-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ باش تارتماس تارىخىي ۋەزىپىسى، پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. فۇجيەن تەيۋەن خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئۆزگىچە ئورۇن ۋە رولغا ئىگە.

«پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى»دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئالاقە ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، فۇجيەندە پۈتۈن رايوندا ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

فۇجيەننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى باشتىن-ئاخىر ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، بەخت يارىتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان ۋە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان سىياسەت-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن سىناق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھوقۇق بېرىش، قۇۋۋەت ئاتا قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سىياسەت ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاۋۋال ئاسىنىنى، ئاندىن قىيىنىنى قىلىش، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەيت ۋە ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، شارائىتى ياخشى، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك رايونلارنىڭ ئالدى بىلەن سىناق قىلىشىنى قوللاپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش؛ باشقا رايونلارنى ئورنىنى توغرا تېپىپ، ھەمكارلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت نىشانى تۆۋەندىكىچە: ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش، فۇجيەننىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان بىرىنچى ماكان بولۇش ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلىش. يۇغۇرما تەرەققىياتقا دائىر سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، فۇجيەن بىلەن تەيۋەن قان قېرىنداش» دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش؛ فۇجيەن بىلەن تەيۋەندىكى كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، سودا سېلىنمىسىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا كېڭەيتىش؛ شيامېن بىلەن جىنمېن، فۇجۇ بىلەن مازۇنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، پىڭتەن ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونىنىڭ تەيۋەن بىلەن يۇغۇرۇلۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.

«پىكىر» دە يەنە «تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان تۇنجى يۇرت-ماكاننى قۇرۇش»، «فۇجيەن بىلەن تەيۋەننىڭ ئىقتىساد-سودىسىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «فۇجيەن پۈتۈن رايونىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «فۇجيەن بىلەن تەيۋەننىڭ ئىجتىمائىي، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قاتارلىق 21 تۈرلۈك كونكرېت مەزمۇن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن «فۇجيەننىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «فۇجيەننىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.