ئېلىمىزدىكى 3500 كىلومېتىرلىق تاشيول ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلدى
ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك قاتناش قۇرۇلۇشى ھالقىلىق تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە 3500 كىلومېتىردىن ئارتۇق تاشيولنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تاماملاندى، بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاشيوللار پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى» ئاقىل قاتناشنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىرىشىگە تۈرتكە بولماقتا.
بېيجىڭ-شيۇڭئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى-شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىلەن بېيجىڭنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ تېز تاشيول، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى جەھەتتە، جۇڭگو تۆمۈر يولى بېيجىڭ-شيۇڭئەن ئاقىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى لېڭ ياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، يول تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇشنى يۇقىرى ئۈنۈملەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىمىز. كەلگۈسىدە، بېيجىڭ-شيۇڭئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بېيجىڭ بۆلىكى پۈتۈن لىنىيە بويىچە 5G مەخسۇس تورى بىلەن تولۇق قاپلىنىپ، يول بۆلەكلىرىنى ئومۇميۈزلۈك سېزىپ تۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، سېزىش، ھېسابلاش، خەۋەرلىشىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن يۇغۇرۇلما تېخنىكىسى ئارقىلىق، «ئادەم-ئاپتوموبىل-يول-بۇلۇت» يۇقىرى ئىشەنچلىك ئۇچۇر ئۆزئارا ئالاقىسى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مەسىلەن: نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرى يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە يېتەكلەش سىستېمىسى بىلەن قاپلىنىپ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن يول بۆلەكلىرىدە يۈرۈش بىخەتەرلىكى ياخشىلىنىپ، ئاپتوموبىللار بىخەتەر يۈرۈشكە يېتەكلىنىدۇ.
ئېلىمىز ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنىڭ تېزدىن شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئىنتېرنېت، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاساس قىلغان ئۇچۇر تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، قاتناش-تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇۋۋەت قوشىدىغان مۇھىم تۇتقا بولۇپ قالدى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى پىلان تەتقىقات يۇرتى ئۇچۇر تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن كۈن مۇنداق دېدى: 3500 كىلومېتىردىن ئارتۇق تاشيولنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش تاماملاندى، ماشىنا يولىنىڭ دەرىجىسىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش، يول تورىنى تەڭكەش ئورۇنلاشتۇرۇش، غەيرىي نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي قۇرۇلۇشلاردا پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كېيىنكى قەدەمدە قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا، بىز تۈرگە ۋە دەرىجىگە ئايرىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق لايىھەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش، ئاقىل تاشيولنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا