ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا قۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-14 09:12

19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارغا ئاتاكا سىگنالى چېلىندى. خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانى 1329 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەنھەرىكەتچى 886. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى ئومۇمىي نىشانى تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش ھوسۇل ئېلىش.

ئېلىمىز 1974-يىلى تۇنجى قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 12 نۆۋەت قاتناشتى. 1982-يىلى 9-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇدا 10 نۆۋەت ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانىدا 1-بولدى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ماھارەت تەنتەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ساھىبخان بولۇپ، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن دوستانە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسىدە، تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاسىيا رايونىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، كەلگۈسىنى تەڭ يارىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

دۆلەتلىك ۋېلسىپىت كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى باۋ شەنجۈ بۇ يىل دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى، ھازىر ئۇ سەپداشلىرى بىلەن ھالىتىنى پائال تەڭشەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

جاڭ شىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىزچىل ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، قوشۇننى چېنىقتۇرۇش، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا قۇرۇلدى

19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى،