دىڭ شۆشياڭ شياڭگاڭ 8-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول»باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋىدېيو ئارقىلىق شياڭگاڭ 8-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2013-يىلى كۈزدە، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشى، تەڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلدى، بۇ، قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سۇ تىرانسپورتى، سودا مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىشىنى، ئەركىن، ئوچۇق، قېلىپلاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى قوغدىشىنى، ئادەتتىكى قانۇن-تۈزۈمنى ساقلاپ، راۋان، قولايلىق بولغان خەلقئارا ئالاقىنى كېڭەيتىشىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. شياڭگاڭنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا تورىنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى؛ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كۆپ خىللاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىنى؛
دىققەتنى كەسپىي مۇلازىمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قائىدە ئۆلچىمىنىڭ «يۇمشاق ئالاقە» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل رايىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شياڭگاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» باشلىقلار مۇنبىرىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت، شياڭگاڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، «قول تۇتۇشۇپ، تەڭ قۇرۇپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىش»-بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا