لىۋىيەدە كەلكۈن ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلەنمەكتە
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 17-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
يېقىندا، «دانىئېل» ناملىق قۇيۇن لىۋىيەنىڭ شەرقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، شۇ جايدىكى ئامما ئەشيا يېتىشمەسلىك، قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.
لىۋىيەنىڭ يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ۋە بېكىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كامىل ئەل سەيىۋى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى نۆۋەتتە، دېرنانىڭ ئەھۋالى مۇرەككەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا بولۇۋاتىدۇ دېدى.
لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى باش تەپتىشتىن دېرنادىكى كەلكۈن ئاپىتىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. لىۋىيەنىڭ باش تەپتىشى شۇ كۈنى سەل بۇرۇن دېرنا شەھىرىدىكى ئىككى سۇ توسمىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىككى توسمىدا ئىلگىرى رېمونت قىلىشقا تېگىشلىك يېرىق بار ئىكەن. بۇ ئىككى چوڭ توسما كېچىدە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن ئاھالىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن ، بۇ-بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ دېرنا شەھىرىدە ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
نۆۋەتتە، لىۋىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون دۇچ كەلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالى ئىنتايىن كەسكىن، يېمەكلىك، دورا، تۇرمۇشقا كېرەكلىك سۇ يېتىشمەسلىك، قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە خىرىس يەنىلا ئېغىر. لىۋىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىر يىللىق سەھىيە جىددىي ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 29 توننا داۋالاش بۇيۇمى ۋە جىددىي ئەشيانىڭ شۇ كۈنى لىۋىيەنىڭ بەنغازىغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن باشقا، رۇسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ باردى، ئەشيالار يېمەكلىك، ئەدىيال، چېدىر، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
.