ئەزەربەيجان ناكا رايونىدىكى ھەربىي نىشانلارنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى، ئەرمېنىيە رايون ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ ناكا رايونىدىكى ھەرىكىتى تاماملىنىشقا ئاز قالدى، ھەربىي نىشاننى ۋەيران قىلدى، دېدى. ئارقىدىنلا، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە، ئەگەر ناكا رايونىدىكى ئەرمەنلەر ئەزەربەيجاننىڭ بىر قاتار تەلەپلىرىنى قاندۇرالىسا، ئەزەربەيجاننىڭ ناكا رايونىدىكى ئەرمەنلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ناكا رايونى سەھىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ھەربىي ھەرىكەتتە بۇ رايوندا ئاز دېگەندە بەش ئادەم قازا قىلغان، 140 ئادەم يارىلانغان.
شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ناكا رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، توغرا يېتەكلىنىدىغان قوراللار بىلەن ئەرمېنىيە قوراللىق قىسمىنىڭ بازىسى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان ناكا رايونىدا ئەرمېنىيە قوراللىق قىسمى يوق دېدى. ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، ئەزەربەيجاننىڭ ناكا رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن