خەن جېڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى
شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ نىيۇيوركتا ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
خەن جېڭ گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، تۈرلۈك مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتتى. خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولغانسېرى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە شۇنچە چىڭ تۇرۇشقا، كۈچلۈك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شۇنچە موھتاجمىز. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غايىسى ۋە نىشانى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە پائال قوللىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ كەلدى.
گۇتېررېس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ب د ت ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسقا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمىز، جۇڭگونىڭ دۇنيانى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
خەن جېڭ بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ پايدىلىق. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكا ئۈچۈن خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەت، خەۋپ - خەتەر ئەمەس، بەلكى پايدا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللەنسە بولىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئىزچىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بالى ئارىلى ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن ساغلام، مۇقىم يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈشى، دۇنياغا بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بلىنكېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشىنى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت