ئۈرۈمچى بوراندىن ۋە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ يېشىل قوغدىغۇچىسى بولدى
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىدە يامالىق تېغى بار. ئىلگىرى بۇ يەر قاقاسلىق بولۇپ، شۇ جايدىكى قۇم-توزاننىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تاش تاغنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى: تاغ چوققىسىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، يېشىل ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە نەزەر سېلىش ئالقىشلىق تۈرگە ئايلاندى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئەمەلىيىتىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى. چۆللىشىشنى تۈزەشتىكى بۇ جۇڭگو لايىھەسى «بىر بەلباغ، بىر يول»يېشىل ھەمكارلىقىغا ئەگىشىپ دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.
شىنجاڭنىڭ غەربىگە 1400 كىلومېتىر كېلىدىغان قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقاتخانىسى قازاقىستان سەيفۇلىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكا داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، 23 گېكتار كۆكەرتىشتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇردى، يەنە ئاستانە ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا 2.3 گېكتار ئۆسۈملۈك گېرمپلازما بايلىقى كۆچەتخانىسى قۇردى.
ئاستانىنىڭ «سوغۇق پايتەخت»، «شامال شەھىرى» دېگەن نامى بار، ھەر يىلى قىشتا سوغۇق شامال سۆڭەكتىن ئۆتىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان بۇ شەھەر ئەتراپىدا كۆلىمى زور پايتەخت چەمبىرىكى ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ ھەمكارلىق تۈرىمۇ بۇ تىرىشچانلىققا يېڭى پىكىر يولى ۋە قۇۋۋەت قوشتى.
ئاستانە ئەتراپىدىكى رايونلاردا بوران كۆپ چىقىدۇ، قىش پەسلى ئىنتايىن سوغۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە شورلىشىپ كەتكەن يەرلەر بولغاچقا، كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشتا قىيىنچىلىق كۆپ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئورمانلىقتا يىلتىز تارتىپ، شۇ جاينىڭ مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە قارىتا مەخسۇس تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزدى. ئۇلار شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا ئۇيغۇنلىشالايدىغان ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان كۆچەت سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ، يەر شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئورماننىڭ ئۆسۈشىگە قولايلىق ياراتتى، يەنە «قار بىلەن يېپىپ قوغداش»، «سېغىزلىق ئېرىتمە يىلتىزى» قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
تۈر مەسئۇلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يۇڭدۇڭ: بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش ئورمىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىكىلگەن بۇ كۆچەتلەردە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، دەپ قارىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: چۆل ئوتلاق بەلبېغىدىن ئورمان ئېكولوگىيەسىگە ئايلىنىش تۇپراقتىكى سۇنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. يامغۇر مىقدارى، يەر ئاستى سۇ مىقدارى، ئوخشاش بولمىغان دەرەخ تۈرلىرىنىڭ سۇ سەرپىياتىغا ئاساسەن، سانلىق مەلۇماتنى تىرەك قىلىپ، مۇۋاپىق دەرەخ تۈرى ۋە تېرىش زىچلىقىنى ئىلمىي تاللاش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا سىجىل تەرەققىي قىلىپ، بالدۇر قېرىپ كېتىدىغان «قېرى دەرەخ» ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.چۆللۈكنى تۈزەشتىكى جۇڭگو تەجرىبىسى ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم يامالىق تېغىغا چىقىپ بوز يەر ئېچىپ كۆچەت تىككەن كۆرۈنۈش ئۈرۈمچى ئاھالىسى شيې خۇينىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە.
ئۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەر توپا يۈدۈپ تاغقا چىقىپ، جوتۇ بىلەن قاتتىق تاشلارنى چېقىپ، ئورەك كولىدى. شامال بەك كۈچلۈك بولغاچقا، شەپكىمىز ئۇچۇپ كەتتى، ئايىغىمىز چۈشۈپ قالدى، قوللىرىمىزمۇ قاپىرىپ كەتتى.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيەن لىلۇڭ مۇنداق دېدى: قاقاس تاغنى يېشىل تاغقا ئايلاندۇرۇشتا ئامما بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىپلا قالماي، پەن-تېخنىكىنىڭ قوللىشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. بىز يەرگە مۇۋاپىق كۆچەت تىكىش پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، كوچەت تۈرلىرىنى ئىنچىكە تاللىدۇق، يەنە ئاپتوماتلاشقان تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تاغقا سۇ باشلىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن قارىغاندا، يامالىق تېغىدا تەخمىنەن 2300 گېكتار يەر كۆكەرتىلىپ، يېشىللىق بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تەكلىماكان، ماۋۇسۇ، قۇبۇچ قۇملۇقىنى تىزگىنلەشتىن پۈتكۈل «ئۈچ شىمال»ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغىچە، جۇڭگونىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتىكى نەتىجىسى ھەممىگە ئايان، چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتىكى جۇڭگو لايىھەسىمۇ بارغانسېرى كۆپ دۆلەت تەرىپىدىن ئۆرنەك قىلىندى.
ۋاڭ يۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورمىنىدا جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسى قوللىنىلدى، سۇغا قاراپ يېشىللىقنى بېكىتىش، دەل-دەرەخلەرنى تىكىش زىچلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئەمما مۇداپىئە ئۈنۈمى ئاشتى. يولغا قويۇشتىن تارتىپ نەتىجىگىچە تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار تىرەك بولدى، قازاقىستان تەرەپنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۇنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇپ، بەس-بەستە جۇڭگوغا كېلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش قىلىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. قازاقىستان دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك تەتقىقات داشۆسى ئورمان بايلىقى ۋە بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق ئىلىمى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى دانى سارشېكېۋا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش ئورمىنىدا نۇرغۇن يېڭىلىقلار بار، مەسىلەن، ئىلگىرى قازاقىستاندا ئەزەلدىن تىكىپ باقمىغان سورتلارنى تىككەندە، قىش پەسلىدىكى شىۋىرغاننى ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدۇ. سارشېكېۋا مۇنداق دېدى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن ئوخشىشىپ كېتىدىغان جۇغراپىيەلىك شارائىتى بار، شۇڭا جۇڭگونىڭ كوچەت سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئورمان ئەھيا قىلىش تەجرىبىسى بۇ يەردە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرالايدۇ. يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ھەمكارلىق رامكىسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ يېشىل ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاڭ يۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىشىش جەريانى ئۆزئارا ئۆگىنىش، تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدۇر. بىزمۇ شۇ جاينىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، يېڭى ئۇسۇل ۋە ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشتۇق. تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ كېڭىشىپ، تەڭ قۇرۇپ، تەڭ بەھرىلىنىپ، يۇرت-ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا